维吾尔语诗歌一首
(2013-10-22 15:41:38)
标签:
365 |
مەنىگە يېقىن ئولتۇرغان
مەن ئاشىقنى كۆردۈم
چېچى ئاقلىققا پاتقان ،چېچىنىڭ ئاستىدا سۆزلەر پىشانىسى تەشۋىش قورۇقلىرىدا چۈمكەلگەن
بوۋاي غىرىبلىقنىڭ بىلىدىن سىقىپ چىقارغان كەپتەر كۆك تامان موللاق ئاتقاندا ،ھاسىنىڭ ئەگرى سايىسى يىنىڭ تەۋرەنگەن بوۋاقتەك ۋىلىقلاپ كۈلىدۇ .
مەنىگە يېقىن ئولتۇرغان كۈتۈش پەيتىدە جاناننىڭ تاماكىسى توي كېچىسىدەك تارايدۇ .
سۆز ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ چىققان سەپەردە جانان قۇلىقىغا بوش پىچىرلايدۇ :
قايتىپ كەت ،مېنى ئىزدەپ ئاۋارە بولما ،مەن سەندە ماكانلاشقان ،ئەس توزانلىرىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشتا مېنىڭ پەيلىرىم بار ؛تۇيغۇ ۋادىسىدا شامال كۆتۈرۈلسە ،پەي يىنىڭ لەيلەپ تىل غارىغا چۈشكەندە مېنى ئىزدە ...