ئۇلۇغ ئالىم ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ھاياتىي پائالىيەتلىرى
ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن ئۇيغۇر دېموكراتىك ئەدەبىياتىنى باغلاشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى ئەدىبلەرنىڭ بىرى، مەشھۇر ئالىم، ئاتاقلىق شائىر، داڭلىق تېۋىپ، مائارىپچى ۋە خىمىك ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى مىلادىيە ھىجرىيە 1262–يىلى (1848–يىلى)① خوتەن② ۋىلايەتلىك، قاغىلىق ناھىيە زوڭلاڭ يېزا ئايكەن كەنتىدە ئىسلام دىنىي ئالىمى، ماھىر تېۋىپ قۇتبىدىن شاھ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.
تەجەللى ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە مەككىگە بارغان، ئۇ باشلانغۇچ مەلۇماتنى مەككىنىڭ مەدرىسلىرىدە ئالغان. ئوغلىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ئىلىمگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئىجتىھاتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئاتىسى سەئىد قۇتبىدىن شاھ ئۆز پەرزەنتىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق كىشى قىلىپ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە ھىندىستانغا ئېلىپ بېرىپ ئىمتىھان بەرگۈزۈپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىن كېيىن، دېھلى شەھىرىنىڭ دېھلى دارىلئولۇم مەدرىسىدە، ئاندىن ئىراننىڭ ئىسفاھان دارىلفۇنۇنىدا، ئافغانىستاننىڭ كابۇل دارىلفۇنۇنىدا ئوقۇتىدۇ. تەجەللى ئوقۇش جەريانىدا ئەرەب، پارس، ئوردۇ، ھىندى تىللىرىنى مۇكەممەل ئىگىلىگەندىن تاشقىرى، خىمىيە، تېبابەت، ئىلمىي http://s8/middle/5cee7aa1gbc0b9c4e5a87&690نۇجۇم، تارىخ، لوگىكا، تىلشۇناسلىق، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ، يۇقىرى ماھارەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەبىياتقىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە شەرق كلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن پىششىق تونۇشىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مەلۇم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن «مەۋلىۋى»③لىك ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، مەدرىسنى تاماملىغان تەجەللى ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن مەككە، مەدىنە، دېھلى، كابۇل، تېھران، تۈركىيە، ھەتتا روسىيىلەرگىچە بېرىپ ساياھەت ۋە سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن خېلى بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ.
تەجەللى ھەج قىلىش ۋە ئىلىم ئېلىش پائالىيەتلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھىندىستاندىن قايتىش يولىدا پاكىستاننىڭ گىلىگىتقا كەلگەندە ئانىسى بۈبى گۈلسۈم خېنىم④ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەركەن دەرياسى باش ئېقىنىنىڭ چاتۇلى يولىدىكى كېچىكتىن ئۆتۈشىدە بارلىق بېساتلىرى دەرياغا غەرق بولىدۇ. تەجەللى قاتمۇقات مۇسىبەت، يول ئازابىدا غەم-قايغۇغا چۆمگەن ھالدا يەركەنگە كېلىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا شائىر تېخى يىگىرمە نەچچە ياشلىق يىگىت ئىدى. شۇ چاغدىكى يەركەن ۋالىيسى شائىرنىڭ ئۇلۇغ پەزىلەت-كامالەتلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئاتىسى بىلەن بىرگە ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئىلىم-مەرىپەت بىلەن تولغان سۆزلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، كۆپلەپ ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ. شائىرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يازغان بەزى شېئىرلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئۆلىمالار ۋە زىيالىيلار ئارىسىدا قولدىن-قولغا ئېلىنىپ ئوقۇلىدۇ. شۇنداقلا ئالىملار ۋە ئەدىبلەرگە سۆزلىگەن دىنىي، پەننىي، ئەدەبىي بايانلىرى تىللاردا داستان بولۇپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇ خىل ئالىيجاناب خىسلىتى ھەر تەبىقە زاتلىرىنى، ئاۋام خەلقىنى مەھلىيا قىلىۋالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇ يەركەندىكى «يېشىل مەدرىسە»گە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. نۇرغۇن تالىپلار ئۇنىڭ ئىلىم-مەرىپەت دەرياسىدىن قېنىپ سۇ ئىچىپ، شېئىرىيەت گۈلشەنىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. شۇ چاغلاردا ئۇ يەنە تېبابەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن بىمارلارنىڭ كېسەلدىن شىپا تېپىشىغا يېقىندىن يار-يۆلەكتە بولىدۇ. يوقسۇزلاردىن ھەق ئالمايدۇ ھەم خىمىيە ئىلمى بويىچىمۇ تەجرىبە-تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى تېبابەتچىلىك بىلەن بىرلەشتۈرگەن ئاساستا، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ سەۋىيىسىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئەپسۇسكى، مۇنداق ئوڭۇشلۇق شارائىت تەجەللىگە ئىنتايىن ئاز ۋاقىت خۇشاللىق ۋە يورۇقلۇق كەلتۈرىدۇ. ئالىمنىڭ ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا مۇنداق چوڭ ئىناۋەتكە ئىگە بولۇشى ئاز ساندىكى مۇتەئەسسىپ، خۇراپىي بىدئەتچىلەرنىڭ يۈرەكلىرىگە ھەسەت ئوتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ئالىمغا بولغان ئۆچمەنلىكى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ. ئاخىر ئالىمغا ئىنتايىن رەزىل ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلىش كويىغا چۈشىدۇ. تەھدىت، ئەپسانىلەرنى توقۇپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئالىمنىڭ