维吾尔语标点符号的作用及其正确使用

标签:
精品博文转载科学文化评论科学与社会科普沙龙科普大讲堂杂谈 |
分类: 教育;语言;演讲与口才 |
تىل-يېزىقىمىزنى توغرا
ئىشلىتىش ھەر
تىنىش بەلگىلىرىنىڭ يازما نوتۇقتىكى
رولى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ ،ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان
تىنىش بەلگىلىرى ۋە ئۇنىڭ قوللىنىلىشى
تۆۋەندىكىچە.
1. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي
تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرى .
(1) چېكىت ‹‹.›› (2) سۇئال بەلگىسى
‹‹؟›› (3)ئۈندەش بەلگىسى ‹‹!›› (4) چېكىتلىك پەش‹‹؛››(5)تىرناق ‹‹()››
(6) پەش ‹‹،››(7) قوش تىرناق ‹‹ ‹‹›› ››(8) يالاڭ تىرناق ‹‹ ‹››› (9)
سىزىقچە ‹‹-›› (10) سىزىق ‹‹ـــ›› (11) قوش چېكىت ‹‹:›› (12) كۆپ
چېكىت ‹‹…››
2.ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي
تىلىدىكى تىنىش بەلگىلىرىنىڭ
ئىشلىتىلىشى.
بۇ بەلگە ئوي-پىكىرنىڭ بايان تەرىزىدە
ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۆۋەندىكىچە قويۇلىدۇ
:
1) بايان جۈملىلەردىن كېيىن
قويۇلىدۇ.
(1)
(2) تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ
بولدۇم.
2)بۇيرۇق ۋە ئۈندەش جۈملىلەردىن كېيىن
قويۇلىدۇ .مەسىلەن:
(1)يۇقىرىغا ئۆتۈڭ
.
(2) ئۆيگە ۋاقتىدا
كېتەي.
(3) كىچىك بالا بولغاندىن كېيىن
ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارىلىشىپ
كەتمەڭ.
3) رەقەم بىلەن يېزىلغان تەرتىپ
سانلاردىن كېيىن چېكىت
قويۇلىدۇ.مەسىلەن:‹‹1.››،‹‹2.››،‹‹3.››…
4)قىسقارتىپ يېزىلغان ئىسىم بىلەن
فامىلە ئارىسىغا چېكىت
قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
(1)
(2)
ت.ئالماس
(3)
ئا.ئۆتكۈر
5)يىل ،ئاي ،كۈنلەر رەقەم بىلەن
ئىپادىلەنسە ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قويۇلىدۇ
.مەسىلەن:1918.10.01
1987.02.27
6)ئونلۇق كەسردىكى پۈتۈن سان بىلەن كەسر
سان ئارىسىغا ،سائەت بىلەن مىنۇت ئارىسىغا قويۇلىدۇ. مەسىلەن
:
(1) 1.5 (بىر پۈتۈن ئوندىن
بەش)
(2) سائەت 8.00(سائەت
سەككىز)
2.سۇئال بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى
.
بۇ ئوي پىكىرنىڭ سوراق تەرىزىدە
ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .قويۇلۇش ئورنى
تۆۋەندىكىچە:
1) ھەر خىل سۇئالدىن كېيىن قويۇلىدۇ
.مەسىلەن:
(1) نىمە ئىش يۈز
بەردى؟
(2)مىنى ياخشى
كۆرەمسىز؟
2)كەينى –كەينىدىن ئۇلىنىپ كەلگەن
سۇئاللارنىڭ كەينىدىكىسىگە
قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
(1) بۇ ئىشنى ئۇ
ئۇقامدۇ-ئۇقمامدۇ؟
(2)سىز زادى دىيارىم مۇنبىرىنىڭ
ئەزاسىمۇ-
3)جۈملىدە ئاپتورغا نامەلۇم بولغان
،ئاپتور گۇمان بىلەن قارىغان تەركىبلەردىن كېيىن
قويۇلىدۇ.مەسىلەن:
(1) سەلەي چاققان (؟-1905)ئۇيغۇر
خەلقىنىڭ داڭلىق لەتىپىچىلىرىدىن
بىرى.
4)ئۈندەش ۋە سۇئال تەرىزىدە ئېيتىلغان
جۈملىلەردە ئاۋال سۇئال بەلگىسى ،ئاندىن
ئۈندەش
(1) شەرۋان : ھوي ،سېسىق گەپنى نەدىن
ئۆگەندىڭ ؟!
(2)نىمە دېگەن تۈگىمىگەن ئۇزۇن ناخشا
بۇ؟!
3.ئۈندەش بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە ئوي پىكىرنىڭ ئۈندەش ۋە بۇيرۇق
تەرىزىدە ئېيتىلغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان جۈملىلەرنىڭ ئارقىسىغا
قويۇلىدۇ.
1)ئۈندەش جۈملىلەر ۋە بۇيرۇق ئاھاڭىدا
ئېيتىلغان بۇيرۇق جۈملىلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ. مەسىلەن
:
(1) سىرداشىم ئەسىرىڭىزنى يېزىش
ۋەزىپىسىنى ۋاقتىدا ئورۇنداڭ!
(بۇيرۇق)
(2) ياشىسۇن ئانا تىلىمىزنىڭ
تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ
چىقارغانلار!(ئۈندەش)
(3) دىيارىم ئەھلى ! ئاڭلىمىدىم،
ئىشتمىدىم دېمەڭلار ! ھەر بىر تۈتۈندىن بىر ئەر ئۆستەڭ چېپىشقا
ماڭسۇن!(ئۈندەش ،بۇيرۇق)
2)ئۈندەش
ئاھاڭىدا
(1) توۋا ! سەن ئاتاماننىڭ سېتىۋالغان
قۇلىمىدىڭ!
(2) نىگار ! ئاللاھقا ئامانەت
.
تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ سۇئال
،ئۈندەش بەلگىلىرى بۇنداق جۈملىنىڭ قانداق قۇرۇلمىدا كېلىشىدىن
قەتئىينەزەر قويۇلىدۇ. تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان جۈملىنىڭ چېكىتى
بولمايدۇ.
4.چېكىتلىك پەش ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىش
ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتا رولى پەشكە
نىسبەتەن ئۈستۈن تۇرىدىغان تىنىش بەلگىسىدۇر
.
تەڭداش تەركىبلەرنىڭ ھەرقايسىسى ياكى
ئۇلارنىڭ بىرى يەنە بىر قانچە تەڭداش تەركىبلەرنى ئېلىپ كەلگەندە
بولسا ،ئۇلارنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىق ئايرىش ئۈچۈن ئۈستۈنكى
قاتلامدىكى تەڭداش تەركىبلەر ئارىسىغا چېكىتلىك پەش قويۇلىدۇ.
مەسىلەن:
(1)ــــ
شاھىم
(2) ھاياتلىق بولمىسا ،ئۆلۈم بولمايدۇ؛
ئۆلۈم بولمىسا، ھاياتلىقمۇ
بولمايدۇ.
5. پەش ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
بۇ بەلگە ئاساسەن تەڭداش تەركىبلەرنى
ئايرىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان ،تەڭداش تەركىبلەرنى ئايرىشتىكى رولى
چېكىتلىك پەشكە نىسبەتەن تۆۋەن بولغان تىنىش بەلگىسى ،ئۇنىڭ قويۇلۇش
ئورنى تۆۋەندىكىچە :
(1) ئۇنىڭ سېكىلەكلىرى ،تال-تال
ئۆرۈلگەن چاچلىرى ،چېچىغا ئېسىۋالغان چاچ چاتقۇچ ،چاچ تۇمارلىرى بەكمۇ
ياراشقان ئىدى.
(2) تاغلار ،باغلار ،دالالار...قىسقىسى
بارچە ياپيىشىل بولۇپ كەتكەن
ئىدى.
(1) مېڭىۋەردىم ،كەينىمدىن ئاياغ تىۋىشى
ئاڭلىنىۋەردى ،بۇرۇلۇپ قارىسام ،ھېلىقى چەتئەللىكلەردىن بىرى
كېلىۋېتىپتۇ.
3)جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى
يوق سۆزلەرنى (قاراتما سۆز،قىستۇرما سۆز ۋە ئايرىم ئىملىق
سۆز)جۈملىدىن ئاجرىتىش ئۈچۈن پەش قويۇلىدۇ.
مەسىلەن:
(1) ئۇنىڭدىن باشقا ،رەيھاننىڭ يەنە
ئۆزىگە خاس بەزىبىر سىرلىرىمۇ بار
ئىدى.
(2)بەختكە يارىشا، شۇكۈنى كەچقۇرۇن
تۆمۈر خەلىپىمۇ بارىكۆلدىن قايتىپ كەلدى
.
(4) جۈملىدە يېزىق بىلەن كەلگەن
سانلاردىن كېيىن پەش قويۇلىدۇ.
مەسىلەن:
(1) قايتىپ كېلىدىغانلا بولساڭ
،بىرىنچىدىن ،ئەمدى ئۇنى قايتا كۆرەلمەيسەن ،ئىككىنچىدىن
،...
6. يالاڭ تىرناق ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
يالاڭ تىرناق قوش تىرناققا نىسبەتەن
رولى كىچىك بولغان تىنىش بەلگىسى .جۈملىدە قوش تىرناق ئىچىدە كەلگەن
كۆچۈرمە تەركىبلەر يالاڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدۇ.بۇ خۇددى پەش بىلەن
چېكىتلىك پەشنىڭ قاتلاملىق مۇناسىۋىتىنى
ـــــ ۋاي قوۋۇرغامەي،‹‹چىراغپايدا چاي
ئىچكەن ‹چېچەن›نى كۆردۈم ››دېگەندەك ،ئەمدى كىتابلاردىن قۇسۇر قۇسۇر
تاپقىلى تۇردۇڭمۇ ؟ئۇقۇپ قوي ئاشكار ،ئۇ دېگەن پەن ،دېدى
كۈنقىز.
7.قوش تىرناق ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
قوش تىرناق كۆچۈرمە تەركىبلەرنى ئاپتور
سۆزىدىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان بەلگە.ئۇنىڭ رولى يالاڭ تىرناققا
نىسبەتەن چوڭ. جۈملىدە كەلگەن بارلىق بارلىق كۆچۈرمە تەركىبلەر
،جۈملىدىن
(1) ئايجاھان ‹‹تىل ۋە تەرجىمە››
ژۇرنىلىدا ئىشلەيدۇ.
(2) قادىر بەزىدە ئوغرىلىق قىلىپ
قوياتتى ،شۇڭلاشقا كىشىلەر ئۇنىڭغا ‹‹ئوۋچى ›› دەپ
ئىسىم
(3) ‹‹ غالىبىيەت ›› كوچىسى
.
(4) سىنىڭ ‹‹ئەقىللىق››قىزىڭ تاپقان
پالاكەت بۇ.
8. تىرناق ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
ئىزاھ مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە
تىرناق دەپ ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكى ئورۇنلاردا قوللىنىلىدۇ
.
1) جۈملىدە مەلۇم جۈملە بۆلىكىنى
تولۇقلاش ،ئىزاھلاش ياكى شەرھلەش مەنىسىدە كەلگەن تەركىبلەر تىرناق
ئىچىگە ئېلىنىدۇ .مەسىلەن :
(1) بىز
دىيارىم
(2) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ
رەئىسى
2)سەھنە ئەسەرلىرىدە ئاپتورنىڭ
پېرسوناژلارنىڭ ھەركىتى
(1) نۇرۇم: (غەزەپ بىلەن) ئادەم
سۈرەتلىك بۆرىلەر!
(2)(غۇنچەمنىڭ چېچىنى سىلاپ) جېنىم
تېنىمدە بولسا ،مەن سىزنى بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئالدىدا خار قىلمايمەن
.
3) نەقىل كەلتۈرگەن مىسالغا ئۇلاپلا
ئۇنىڭ ئېلىنغان جايىنى كۆرسەتكەندە ،ئاپتور ۋە كىتاب نامى تىرناق
ئىچىگە ئېلىنىدۇ. مەسىلەن :
ژېننى ئامېرىكىدىكى بىر دوستىغا يازغان
خېتىدە :‹‹سوتنىڭ ئىككى ئىجراچىسى ئۆيىمىزگە كېلىپ ،ئۆي جاھازلىرى
،كارىۋات ياپقۇچ ،كىيىم –كېچەك ۋە بالىلارنىڭ ئويۇنچۇقى قاتارلىق
نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى ...›› (ئېلى راھىت :‹‹شىنجاڭ
گېزىتى ››دىن) دەپ يازغان .
9.سىزىقچە ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
يېرىم قوشۇپ يېزىش بەلگىسى سىزىقچە دەپ
ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ
.مەسىلەن:
(1) دەپتەر-قەلەم ،بۈگۈن-ئەتە ،قىش
–ياز
(2)بۇ
نېمىدىگەن
2) سۆزلەر
قۇردىن
پرولې- //
ۋەتىنىمىز-//
تارىيات//
3) رەقەم بىلەن ئىپادىلەنگەن تەرتىپ
سانلاردىن كېيىن قويۇلىدۇ . مەسىلەن
:
(1) بىز 28-بىنادا
تۇرىمىز.
(2)كۇرس مۇددىتى 12-ئايغىچە
.
4) پېئىللارنىڭ ئۆزەك شەكىللىرىدىن
كېيىن
ئولتۇر-،ماڭ-،كەت-،تۇر-يۈر-
5)سۆز ئارقا قوشۇمچىلىرىنىڭ
ئالدىغا
- ىچى ،-ىش ،-ۈش،-نىڭ
...
بى
-،نا-،بەت-،دەر-...
10. سىزىق ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
1) ئەدەبىي
ئەسەرلەردىكى
ـــ نىگار بۈگۈن سېنى
ھايۋانات
ـــ تاپشۇرۇقۇمنى ئىشلەپ بولالمىدىم
.
ـــ تۈنۈگۈن يېزىپ
بولغانتىڭغۇ؟
ـــ ئۇ ئۆزۈمنىڭ ئىدى ،بۈگۈنكىسى سىنىپ
باشلىقى
2) زامان ۋە ماكان مەنىلىرىنى
ئىپادىلەيدىغان ئىككى سۆزنىڭ( ياكى ساننىڭ) ئارىسىغا قويۇلىدۇ.
مەسىلەن :
(1) لەنجۇ ـــ شىنجاڭ تۆمۈر يولى
.
(2)1990ـــ 1995-يىلىغىچە مەملىكەت
بويىچە ئاشلىقتىن مول ھوسۇل
ئېلىندى.
بۇنداق كەلگەن سىزىق (ـــ) ‹‹ۋە›› ياكى
‹‹ھەم›› مەنىلىرنى ياكى ‹‹دىن›› ،‹‹ -غىچە
››
3) جۈملىدە بىرخىل مەنىدە كەلگەن
(بىر خىل گرامماتىك شەكىلدە كەلگەن )ئىزاھلىغۇچى بىلەن
ئىزاھلانغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن : (1)
تەنھەرىكەت
11. قوش چېكىت ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
ئاساسەن بايان بەلگىسى قوش چېكىت دەپ
ئاتىلىدۇ .
ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ
:
1) مۇستەقىل سىنتاكسىسىلىق
قۇرۇلمىلارنىڭ كېيىنكى قىسمى ئالدىنقى قىسمىنىڭ پۈتۈن مەزمۇنىنى ياكى
بىرەر تەركىبىنى تولۇقلاپ ،شەرھلەپ
(1) بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى
تۆۋەندىكىچە :
1.ئەلانۇر
2.ھۆرىيەت
3.ئەكبەر
.....
2) ھۆرمەت تەرىقىسىدە ئېيتىلغان قاراتما
سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن
:
(1) ھۆرمەتلىك گۈزەل
ھەدە:
(2)ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىگە
:
بۇنداق قاراتما سۆزلەر كۆپىنچە خەت
–ئالاقىدە ،تەكلىپ قەغەزلىرىدە كۆپ
ئۇچرايدۇ.
3) سەھنە ئەسەرلىرىدە دىئالوگلارنىڭ
ئالدىدا كەلگەن پېرسوناژلارنىڭ ئىسمى ياكى ئىسمى ئورنىدا كەلگەن
سۆزلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .بۇنداق قوش چېكىت يەنىلا بايان مەنىسىنى
ئىپادىلەيدۇ .مەسىلەن:
(1) مۇئەللىم : ئۆتكەن دەرسلەرنى ئوقۇپ
كەلدىڭلارمۇ ؟
4) بىرەر مەسىلىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قۇر
بېشىدىن ئېلىنغان جۈملىلەرنىڭ
بۈگۈن ھەممە ئادەم شادلىققا تولىدىغان
بىر كۈن بولدى .
5) تۈرلۈك ئۇسۇل ھالەتلەردىن كېيىن
كەلگەن جۈملە دىئالوگ سۈپىتىدە قۇر بېشىدىن باشلانسا ،ياكى قۇر
بېشىدىن باشلانمىغان ھالدىمۇ ،قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنسا ،مەزكۇر
ھالەتلەردىن كېيىن قويۇلىدۇ .مەسىلەن
:
(1) ئەتراپىغا قاراپ
:
ـــ مەن بۇ يەردىن كېتىمەن ،مەن بۇ
يەردىن كېتىمەن ! دەپ ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى
.
6) ئاپتورنىڭ ئىسىم- فامىلىسى
بىلەن
(1) مۇپاسسان
:‹‹مارجان››
(2) زوردۇن سابىر :‹‹ ئارچا ياپرىقى
››
(3) ئا.ئۆتكۈر :‹‹ ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە
چۆچەك ››
12.كۆپ چېكىت ۋە ئۇنىڭ
ئىشلىتىلىشى
قىسقارتىش بەلگىسى كۆپ چېكىت دەپ
ئاتىلىدۇ .ئۇ تۆۋەندىكىچە قوللىنىلىدۇ . مەسىلەن
:
1) جۈملىدە قىسقارتىلغان تەركىبلەر
ئورنىغا ،نوتۇقتا سۈكۈت ئىپادىلەنگەن ئورۇنغا قويۇلىدۇ . مەسىلەن
:
(1) مەن نەگە بارىمەن ،نىمە ئىش قىلىمەن
؟! ...
(2)
(3) سىز تارتىنماڭ ،تېزدىن ئۆيىڭىزگە
ئېلىپ كېتىڭ!...
2) نوتۇقتا سۆزنىڭ ئۈزۈلۈپ –ئۈزۈلۈپ
تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ياكى مەلۇم تاۋۇشنىڭ ئادەتتىكىدىن سوزۇپراق
تەلەپپۇز قىلىنغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ياكى قورقۇش ،دۇدۇقلاش
،جىددىيلىشىش قاتارلىقلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ .مەسىلەن
:
(1) سەن ... سەن ...بۇ يەردىن تېز كەت
...ئىش چاتاق ...
(2) نې... مە دەپ يۈرىسەن ؟ ۋاي
ئەخمەق!
(3)
كۆر...دۈڭلار...مۇ،گې...
(4)ئې...ىسمدە
قالماپتۇ.
...
مەنبە : مەركىزىي مىللەتلەر
ئۇنىۋېرستېتى
|